The Noble Qur'an Encyclopedia
Towards providing reliable exegeses and translations of the meanings of the Noble Qur'an in the world languagesThe Cow [Al-Baqara] - Uyghur translation - Muhammad Saleh - Ayah 264
Surah The Cow [Al-Baqara] Ayah 286 Location Madanah Number 2
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُبۡطِلُواْ صَدَقَٰتِكُم بِٱلۡمَنِّ وَٱلۡأَذَىٰ كَٱلَّذِي يُنفِقُ مَالَهُۥ رِئَآءَ ٱلنَّاسِ وَلَا يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۖ فَمَثَلُهُۥ كَمَثَلِ صَفۡوَانٍ عَلَيۡهِ تُرَابٞ فَأَصَابَهُۥ وَابِلٞ فَتَرَكَهُۥ صَلۡدٗاۖ لَّا يَقۡدِرُونَ عَلَىٰ شَيۡءٖ مِّمَّا كَسَبُواْۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡكَٰفِرِينَ [٢٦٤]
ئى مۆمىنلەر! پۇل ـ مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشى (نىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە) ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق (پۇل ـ مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان) ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا ـ چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن (يۇيۇلۇپ) بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ. ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[264].