۞إِنَّ ٱللَّهَ ٱصۡطَفَىٰٓ ءَادَمَ وَنُوحٗا وَءَالَ إِبۡرَٰهِيمَ وَءَالَ عِمۡرَٰنَ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەم ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدى، ئۇنىڭغا پەرىشتىلەرنىسەجدە قىلدۇردى، نۇھ ئەلەيھىسسالامنى تاللاپ، زېمىن ئەھلىگە ئەۋەتىلگەن تۇنجى ئەلچىقىلدى، ئىبراھىم ئەۋلادلىرىنى تاللاپ، پەيغەمبەرلىكنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدا قىلدى ۋە ئىمرانئەۋلادىنىمۇ تاللىدى، ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىنى تاللاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭزامانداشلىرى ئارىسىدا پەزىلەتلىك قىلدى.
ذُرِّيَّةَۢ بَعۡضُهَا مِنۢ بَعۡضٖۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن ئەۋلادلىرى بىر – بىرىگەئۇلىشىپ كېلىپ ئاللاھنى بىر بىلگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر – بىرىگە ئېسىل ئەخلاق– پەزىلەتلەرنى قالدۇرغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلاردىن ئۆزى خالىغان كىشىنىتاللايدۇ ۋە خالىغان كىشىنى پەيغەمبەر قىلىدۇ.
إِذۡ قَالَتِ ٱمۡرَأَتُ عِمۡرَٰنَ رَبِّ إِنِّي نَذَرۡتُ لَكَ مَا فِي بَطۡنِي مُحَرَّرٗا فَتَقَبَّلۡ مِنِّيٓۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئى پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئانىسى ئىمراننىڭ ئايالىنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئەسلىگىن: ئىپەرۋەردىگارىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى دۇنيا ئىشلىرىدىن ئازاد قىلىنغان ھالدا پەقەتسېنىڭ ۋە بەيتىڭنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئاتىدىم، مېنىڭ بۇ نەزرەمنى قوبۇل قىلغىن،ھەقىقەتەن سەن دۇئايىمنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە نىيىتىمنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن.
فَلَمَّا وَضَعَتۡهَا قَالَتۡ رَبِّ إِنِّي وَضَعۡتُهَآ أُنثَىٰ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا وَضَعَتۡ وَلَيۡسَ ٱلذَّكَرُ كَٱلۡأُنثَىٰۖ وَإِنِّيسَمَّيۡتُهَا مَرۡيَمَ وَإِنِّيٓ أُعِيذُهَا بِكَ وَذُرِّيَّتَهَا مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ ٱلرَّجِيمِ
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئىمراننىڭ ئايالى ھامىلدارلىق مۇددىتى توشۇپ بوۋاقنى تۇغقان ۋاقتىدا، تۇغۇلغان بوۋاق قىزبولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتىپ: ئى پەرۋەردىگارىم! مەن قىز تۇغۇپ قويدۇم، دېدى (ئۇئەسلىدە بوۋاقنىڭ ئوغۇل بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى). ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھياخشى بىلىدۇ، ئۇ ئارزۇ قىلغان ئوغۇل يارىتىلىش ۋە كۈچ – قۇۋۋەتتە ئاتا قىلىنغان بۇ قىزغائوخشاش ئەمەس. ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتىكى: مەن ئۇنى «مەريەم» دەپ ئاتىدىم، مەن ئۇنىڭئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن رەھمىتىڭدىن قوغلانغان شەيتاندىن ساڭا سىغىنىپ پاناھتىلەيمەن.
فَتَقَبَّلَهَا رَبُّهَا بِقَبُولٍ حَسَنٖ وَأَنۢبَتَهَا نَبَاتًا حَسَنٗا وَكَفَّلَهَا زَكَرِيَّاۖ كُلَّمَا دَخَلَ عَلَيۡهَا زَكَرِيَّا ٱلۡمِحۡرَابَ وَجَدَعِندَهَا رِزۡقٗاۖ قَالَ يَٰمَرۡيَمُ أَنَّىٰ لَكِ هَٰذَاۖ قَالَتۡ هُوَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِۖ إِنَّ ٱللَّهَ يَرۡزُقُ مَن يَشَآءُ بِغَيۡرِ حِسَابٍ
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئاللاھ ئۇنىڭ نەزرىسىنى چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ياخشى پەرۋىش قىلدى، بەندىلىرىدىنسالىھ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۇنىڭغا مايىل قىلدى، ئۇنىڭ خىزمىتىگە زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىكېپىل قىلدى. زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ھەرقېتىم ئۇنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرگەندە، ئۇنىڭ يېنىدائېسىل يېمەكلىكلەرنى ئۇچرىتاتتى ۋە ئۇنىڭغا: ئى مەريەم! بۇ يېمەكلىكلەر ساڭا قەيەردىنكەلدى؟ دەيتتى، مەريەم ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: بۇ يېمەكلىكلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلدى،دەيتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە (جاپا ـ مۇشەققەتسىزلا) ھەددى – ھېسابسىزرىزىق بېرىدۇ.
وَإِذۡ قَالَتِ ٱلۡمَلَـٰٓئِكَةُ يَٰمَرۡيَمُ إِنَّ ٱللَّهَ ٱصۡطَفَىٰكِ وَطَهَّرَكِ وَٱصۡطَفَىٰكِ عَلَىٰ نِسَآءِ ٱلۡعَٰلَمِينَ
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئى پەيغەمبەر! ئەسلىگىنكى، ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مەريەمگە: ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەنسېنى ماختالغۇچى ئېسىل سۈپەتلەر بىلەن تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، ئۆز زامانىدىكى پۈتۈنجاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق قىلدى.
يَٰمَرۡيَمُ ٱقۡنُتِي لِرَبِّكِ وَٱسۡجُدِي وَٱرۡكَعِي مَعَ ٱلرَّـٰكِعِينَ
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئى مەريەم! نامازدا قىيامنى ئۇزۇن قىلغىن، پەرۋەردىگارىڭغا سەجدە قىلغىن، رۇكۇ قىلغۇچىسالىھ بەندىلەر بىلەن بىللە ئاللاھقا رۇكۇ قىلغىن.
ذَٰلِكَ مِنۡ أَنۢبَآءِ ٱلۡغَيۡبِ نُوحِيهِ إِلَيۡكَۚ وَمَا كُنتَ لَدَيۡهِمۡ إِذۡ يُلۡقُونَ أَقۡلَٰمَهُمۡ أَيُّهُمۡ يَكۡفُلُ مَرۡيَمَ وَمَا كُنتَلَدَيۡهِمۡ إِذۡ يَخۡتَصِمُونَ
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئى پەيغەمبەر! يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان زەكەرىيا بىلەن مەريەمنىڭ خەۋەرلىرى بولسا، بىز ساڭاۋەھىي قىلغان غەيبىي خەۋەرلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۆلىمالار ۋە سالىھ كىشىلەر مەريەمنىقايسىسىنىڭ تەربىيەسىگە ئېلىش مەسىلىسىدە تالاش – تارتىشنى تۈگىتىش ئۈچۈن، چەكتاشلاپ قەلەملىرىنى سۇغا تاشلىغان ۋە زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلىمى لەيلەش بىلەنئۇتۇق قازانغاندا سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ.
إِذۡ قَالَتِ ٱلۡمَلَـٰٓئِكَةُ يَٰمَرۡيَمُ إِنَّ ٱللَّهَ يُبَشِّرُكِ بِكَلِمَةٖ مِّنۡهُ ٱسۡمُهُ ٱلۡمَسِيحُ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَ وَجِيهٗا فِيٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِ وَمِنَ ٱلۡمُقَرَّبِينَ
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئى پەيغەمبەر! ئەسلىگىنكى، ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر: ئى مەريەم! ھەقىقەتەن ئاللاھ ساڭائاتىسىز تۇغۇلىدىغان، ئاللاھنىڭ «بول» دېگەن سۆزى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدىغان بىر بوۋاقبىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىسادۇر، ئۇ دۇنيا – ئاخىرەتتەئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ، دېدى.
وَيُكَلِّمُ ٱلنَّاسَ فِي ٱلۡمَهۡدِ وَكَهۡلٗا وَمِنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئىسا ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە سۆزلەش يېشىدىن بۇرۇنقى بوۋاقلىق ھالىتىدىمۇ سۆز قىلىدۇ،كۈچ – قۇۋۋەتكە تولغان ياشلىق ھالىتىدىمۇ سۆزلەيدۇ، ئۇلارغا دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا پايدىلىقبولغان نەرسىلەر بىلەن سۆزلەيدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىدە سالىھلارنىڭ قاتارىدىندۇر.
قَالَتۡ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي وَلَدٞ وَلَمۡ يَمۡسَسۡنِي بَشَرٞۖ قَالَ كَذَٰلِكِ ٱللَّهُ يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُۚ إِذَا قَضَىٰٓ أَمۡرٗا فَإِنَّمَايَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
مەريەم ئۆزىنىڭ توي قىلماي تۇرۇپ قانداق بالىسى بولىدىغانلىقىدىن ھەيران قېلىپ: مەن تويقىلمىغان ۋە ماڭا نامەھرەمنىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا، قانداقمۇ بالام بولىدۇ؟! دېدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ئاللاھ ساڭا ئاتىسىز پەرزەنت پەيدا قىلغانغا ئوخشاش نورمالقانۇنىيەتكە زىت ھالەتتە خالىغان نەرسىنى پەيدا قىلىدۇ، بىر ئىشنى ئىرادە قىلسا ئۇنىڭغا«بول» دەيدۇ – دە، ئۇ دەرھال بولىدۇ، ئاللاھنى ھېچ نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ.
وَيُعَلِّمُهُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَٱلتَّوۡرَىٰةَ وَٱلۡإِنجِيلَ
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئاللاھ ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى، توغرا سۆز قىلىشنى، ھېكمەتنى، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىلقىلغان تەۋراتنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە نازىل قىلىنىدىغان ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ.
