التصنيفات
القرآن الكريم

المختصر في التفسير ئۇيغۇرچە سورة [النساء]

وَبِكُفۡرِهِمۡ وَقَوۡلِهِمۡ عَلَىٰ مَرۡيَمَ بُهۡتَٰنًا عَظِيمٗا

الأيغورية | ئۇيغۇرچە

ئۇلارنى يەنە كاپىر بولغانلىقى، مەريەم ئەلەيھىسسالامغا زىنا قىلدى دەپ ئېغىر بوھتانقىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق.

يَـٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لَا تَغۡلُواْ فِي دِينِكُمۡ وَلَا تَقُولُواْ عَلَى ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡحَقَّۚ إِنَّمَا ٱلۡمَسِيحُ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَ رَسُولُٱللَّهِ وَكَلِمَتُهُۥٓ أَلۡقَىٰهَآ إِلَىٰ مَرۡيَمَ وَرُوحٞ مِّنۡهُۖ فَـَٔامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦۖ وَلَا تَقُولُواْ ثَلَٰثَةٌۚ ٱنتَهُواْ خَيۡرٗا لَّكُمۡۚ إِنَّمَاٱللَّهُ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۖ سُبۡحَٰنَهُۥٓ أَن يَكُونَ لَهُۥ وَلَدٞۘ لَّهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلٗا

الأيغورية | ئۇيغۇرچە

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامئىنجىل ئەھلى بولغان ناسارالارغا ئېيتقىنكىسىلەر دىنىڭلارداھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار، ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا پەقەت ھەق سۆزنى دەڭلار،ھەقىقەتەن مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىسا ئاللاھنىڭ ھەق بىلەن ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىدۇرئاللاھئۇنى جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق مەريەمگە ئەۋەتكەن سۆزى بىلەن ياراتتى، ئۇ «ۋۇجۇتقاكەل» دېگەن سۆز بولۇپ، ئىسا ئەلەيھىسسالام شۇ ئارقىلىق يارىتىلدى، بۇ ئاللاھتىن بولغان بىرپۈۋلەش بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن جىبرىل ئەلەيھىسسالام مەريەمگە پۈۋلىدىئاللاھقاۋە ئاللاھنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەستىن ئىشىنىڭلار، ئاللاھنى ئۈچدېمەڭلار، بۇ بۇزۇق يالغان سۆزدىن يېنىڭلار، ئۇ سۆزدىن يېنىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن دۇنيا – ئاخىرەتتە ياخشىدۇرھەقىقەتەن ئاللاھ يەككە – يېگانە ئىلاھتۇرئاللاھ شېرىكتىن ۋەپەرزەنتتىن مۇنەززەھتۇر ۋە بىھاجەتتۇرئاسمان – زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكىبارلىق نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاسمان ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئىدارەقىلىش ۋە تەدبىر قىلىشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر.