التصنيفات
القرآن الكريم

المختصر في التفسير ئۇيغۇرچە سورة [المائدة]

لَّقَدۡ كَفَرَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡمَسِيحُ ٱبۡنُ مَرۡيَمَۚ قُلۡ فَمَن يَمۡلِكُ مِنَ ٱللَّهِ شَيۡـًٔا إِنۡ أَرَادَ أَن يُهۡلِكَٱلۡمَسِيحَ ٱبۡنَ مَرۡيَمَ وَأُمَّهُۥ وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗاۗ وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَاۚ يَخۡلُقُ مَايَشَآءُۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ

الأيغورية | ئۇيغۇرچە

ناسارالاردىن مەريەم ئوغلى ئىسا مەسىھنى ئاللاھ دېگەنلەر ھەقىقەتەن كاپىر بولدىئىمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامئۇلارغا ئېيتقىنكىئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى ئىسا مەسىھنى،ئۇنىڭ ئانىسىنى ۋە زېمىندىكى بارلىق جانلىقلارنى ھالاك قىلىشنى خالىسا، ئاللاھنى بۇنىڭدىنكىم توسۇپ قالالايدۇ؟ھېچ كىشى ئاللاھنى ئۇنىڭدىن توسۇشقا قادىر بولالمايدۇ، بۇ ئاللاھنىڭئىبادەتكە لايىق بەرھەق بىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇھەقىقەتەن مەريەم ئوغلى ئىسا،ئۇنىڭ ئانىسى ۋە بارلىق خالايىقلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇرئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇنىڭئارىسىدىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇرئاللاھ خالىغاننى پەيدا قىلىدۇئىسائەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھ يارىتىشنى خالىغانلارنىڭ بىرىدۇرئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋەئەلچىسىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.

مَّا ٱلۡمَسِيحُ ٱبۡنُ مَرۡيَمَ إِلَّا رَسُولٞ قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِهِ ٱلرُّسُلُ وَأُمُّهُۥ صِدِّيقَةٞۖ كَانَا يَأۡكُلَانِ ٱلطَّعَامَۗ ٱنظُرۡكَيۡفَ نُبَيِّنُ لَهُمُ ٱلۡأٓيَٰتِ ثُمَّ ٱنظُرۡ أَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ

الأيغورية | ئۇيغۇرچە

مەريەم ئوغلى ئىسا مەسىھ پەقەت پەيغەمبەرلەر ئارىسىدىكى بىر پەيغەمبەردۇرئۇ باشقاپەيغەمبەرلەر ۋاپات بولغاندەك ۋاپات بولىدۇ، ئانىسى مەريەم ئەلەيھىسسالاممۇ سەمىمىي،راستچىل ئىدىئۇ ئىككىيلەن يېمەككە ئېھتىياجلىق بولغاندا يېمەك يەيتتى، ئۇلارنىڭ يېمەككەئېھتىياجى تۇرۇپ قانداقمۇ ئىلاھ بولالايدۇ؟ ئى پەيغەمبەرچوڭقۇر ئويلىنىش بىلەن نەزەرسالغىنكىبىز ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭغەيرىنى ئىلاھ دەۋالغان باتىل ئىتقادىنى قانداق بايان قىلىپ بېرىدىكەنمىز؟ ئۇلار شۇنداقتۇرۇقلۇق ئاللاھنىڭ مۇشۇ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئاندىن يەنە چوڭقۇر تەپەككۇر بىلەن قاراپباققىنكىئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان روشەن ئايەتلەر تۇرۇقلۇق، ئۇلار ھەقىقەتتىنقانداق يۈز ئۆرۈپتۇ؟

إِذۡ قَالَ ٱللَّهُ يَٰعِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ٱذۡكُرۡ نِعۡمَتِي عَلَيۡكَ وَعَلَىٰ وَٰلِدَتِكَ إِذۡ أَيَّدتُّكَ بِرُوحِ ٱلۡقُدُسِ تُكَلِّمُ ٱلنَّاسَفِي ٱلۡمَهۡدِ وَكَهۡلٗاۖ وَإِذۡ عَلَّمۡتُكَ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَٱلتَّوۡرَىٰةَ وَٱلۡإِنجِيلَۖ وَإِذۡ تَخۡلُقُ مِنَ ٱلطِّينِ كَهَيۡـَٔةِ ٱلطَّيۡرِبِإِذۡنِي فَتَنفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيۡرَۢا بِإِذۡنِيۖ وَتُبۡرِئُ ٱلۡأَكۡمَهَ وَٱلۡأَبۡرَصَ بِإِذۡنِيۖ وَإِذۡ تُخۡرِجُ ٱلۡمَوۡتَىٰ بِإِذۡنِيۖ وَإِذۡكَفَفۡتُ بَنِيٓ إِسۡرَـٰٓءِيلَ عَنكَ إِذۡ جِئۡتَهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٞ

الأيغورية | ئۇيغۇرچە

ئۆز ۋاقتىدىكى ئەھۋالنى ئەسلىگىنكى، ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپمۇنداق دېدىئەي مەريەم ئوغلى ئىيسامەن سېنى ئاتىسىز ياراتقىنىمدا ساڭا قىلغانئىلتىپاتىمنى ئەسلىگىن، ئاناڭ مەريەمنى ئۆز زامانىسىدىكى ئاياللاردىن ئۈستۈن قىلغىنىمدىكىئىلتىپاتىمنى ئەسلىگىن، سېنى جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كۈچلەندۈرگەن نېمىتىمنىئەسلىگىنكى، سەن ئەمچەكتىكى بوۋاق ھالىتىڭدىمۇ كىشىلەرنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىپ ئۇلارغاسۆزلەيتتىڭ، قۇرامىڭغا يەتكەن ۋاقىتتىمۇ مېنىڭ سېنى ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپئەۋەتكەنلىكىم، شۇنداقلا ساڭا خەت يېزىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئاتا قىلغان – نېمەتلىرىمھەققىدە سۆزلەيتتىڭمەن ساڭا مۇساغا نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ۋە ئۆزۈڭگە نازىل قىلىنغانئىنجىلنى ئۆگەتتىم، ساڭا شەرىئەتنىڭ سىرلىرىنى، پايدىلىرىنى ۋە ھېكمەتلىرىنى ئۆگەتتىمسېنىڭ لايدىن قۇشنىڭ ئوخشىشىنى شەكىللەندۈرەلىگەنلىكىڭ، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلىگىنىڭدىنكېيىن ئۇنىڭ قۇشقا ئايلانغانلىقى، تۇغما كور كىشىنى داۋالاپ ساقايتالىغانلىقىڭ، بەرەسكىسىلىنى داۋالىغىنىڭدا سەللىمازا ساقىيىپ كەتكەنلىكى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ بېرىشھەققىدە ئاللاھقا قىلغان دۇئايىڭ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىرىلگەنلىكى ساڭا بەرگەن – نېمەتلىرىمدىندۇر، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئەمرىم بىلەن ۋۇجۇدقا چىققانساڭا بەرگەن – نېمەتلىرىمدىن يەنە بىرى شۇكى، سەن بەنى ئىسرائىلغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپكەلگىنىڭدە ئۇلار سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋېدى، بىز سېنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىدىن قوغداپقالدۇقئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن بولۇپ،ئۇلارئىيسا ئېلىپ كەلگەن بۇ ئىش ئوپئوچۇق سېھىردىن باشقا نەرسە ئەمەس، دېيىشتى.

وَإِذۡ قَالَ ٱللَّهُ يَٰعِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ءَأَنتَ قُلۡتَ لِلنَّاسِ ٱتَّخِذُونِي وَأُمِّيَ إِلَٰهَيۡنِ مِن دُونِ ٱللَّهِۖ قَالَ سُبۡحَٰنَكَمَا يَكُونُ لِيٓ أَنۡ أَقُولَ مَا لَيۡسَ لِي بِحَقٍّۚ إِن كُنتُ قُلۡتُهُۥ فَقَدۡ عَلِمۡتَهُۥۚ تَعۡلَمُ مَا فِي نَفۡسِي وَلَآ أَعۡلَمُ مَا فِينَفۡسِكَۚ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّـٰمُ ٱلۡغُيُوبِ

الأيغورية | ئۇيغۇرچە

قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدىغانلىقىنىئەسلىگىنئەي مەريەم ئوغلى ئىيساسەن كىشىلەرگەئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامئىككىمىزنى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېگەنمىدىڭ؟ ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەرھال ئاللاھ تائالانىنالايىق سۈپەتلەردىن پاكلاپ مۇنۇلارنى دېدىمېنىڭ ئۇلارغا ھەق سۆزدىن باشقىنى دېيىشىممۇمكىن ئەمەس، مەن ئۇنداق سۆزنى دېگەن تەقدىردە سەن ئۇنى چوقۇم بىلىسەنچۈنكى،ساڭا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇسەن ھەتتا كۆڭلۈمدە يوشۇرغان سىرلارنىمۇ بىلىپتۇرىسەن، ئەمما مەن سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكىنى بىلمەيمەنشەكسىزكى، پەقەت سەنلا ھەرقانداقغەيبنى، ھەرقانچە مەخپىينى ۋە ھەرقانداق ئاشكارىنى بىلىپ تۇرىدىغان زاتسەن.