وَٱذۡكُرۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ مَرۡيَمَ إِذِ ٱنتَبَذَتۡ مِنۡ أَهۡلِهَا مَكَانٗا شَرۡقِيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئى پەيغەمبەر! ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاندىكى مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنىئەسلىگىنكى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بىر جايدايالغۇز تۇردى.
فَٱتَّخَذَتۡ مِن دُونِهِمۡ حِجَابٗا فَأَرۡسَلۡنَآ إِلَيۡهَا رُوحَنَا فَتَمَثَّلَ لَهَا بَشَرٗا سَوِيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىۋاتقان ھالىتىنى قەۋمىنىڭ كۆرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئۆزىئارىسىدا بىر پەردە پەيدا قىلدى، بىز ئۇنىڭغا جىبرىل ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتتۇق، جىبرىلئەلەيھىسسالام بېجىرىم بىر كىشىنىڭ شەكلىدە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرۈندى، مەريەم ئۇنىڭبىرەر بەتقىلىق قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرىدى.
قَالَتۡ إِنِّيٓ أَعُوذُ بِٱلرَّحۡمَٰنِ مِنكَ إِن كُنتَ تَقِيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
مەريەم ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقان بۇ بېجىرىم ئىنساننى كۆرگەن ۋاقىتتا: ئى ئىنسان! مەنھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا سىغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەرسەن ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقىدىغان بولساڭ ماڭا چېقىلمىغىن، دېدى.
قَالَ إِنَّمَآ أَنَا۠ رَسُولُ رَبِّكِ لِأَهَبَ لَكِ غُلَٰمٗا زَكِيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: مەن ئىنسان ئەمەس، مەن ساڭا بىر پاك، ياخشى بىر ئوغۇلبېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسىمەن، دېدى.
قَالَتۡ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَٰمٞ وَلَمۡ يَمۡسَسۡنِي بَشَرٞ وَلَمۡ أَكُ بَغِيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
مەريەم ھەيران قېلىپ: مەن ياتلىق بولمىغان، بىرەر ئەر زاتى ماڭا يېقىنلاشمىغان قىز تۇرسامياكى مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ بالام بولسۇن؟! دېدى.
قَالَ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٞۖ وَلِنَجۡعَلَهُۥٓ ءَايَةٗ لِّلنَّاسِ وَرَحۡمَةٗ مِّنَّاۚ وَكَانَ أَمۡرٗا مَّقۡضِيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئىش سەن دېگەندەك، ساڭا ھېچقانداق بىر ئەركەك زاتىيېقىنلاشمىدى ۋە سەن زىنامۇ قىلمىدىڭ، لېكىن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مۇنداق دېدى: ئاتىسىزبىر بالىنى پەيدا قىلىش ماڭا ئاساندۇر. ساڭا بېرىلگەن بۇ بالا ئىنسانلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭقۇدرىتىنى نامايەندە قىلىدىغان بىر بەلگە بولىدۇ. بۇ بالا بىزدىن ساڭا ۋە ئىمان ئېيتقانلارغابېرىلگەن رەھمەتتۇر. بۇ بالىنىڭ يارىتىلىشى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن لەۋھۇلمەھفۇزغاپۈتۈۋېتىلگەندۇر، دېدى.
۞فَحَمَلَتۡهُ فَٱنتَبَذَتۡ بِهِۦ مَكَانٗا قَصِيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پەرىشتە روھنى پۈۋلىگەندىن كېيىن مەريەم ھامىلدار بولدى، شۇنىڭبىلەن كىشىلەردىن يىراق بىر جايغا كەتتى.
فَأَجَآءَهَا ٱلۡمَخَاضُ إِلَىٰ جِذۡعِ ٱلنَّخۡلَةِ قَالَتۡ يَٰلَيۡتَنِي مِتُّ قَبۡلَ هَٰذَا وَكُنتُ نَسۡيٗا مَّنسِيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئۇنى قاتتىق تولغاق تۇتتى، ئۇ بىر قۇرۇپ قالغان خورما دەرىخىگە يۆلىنىۋالدى، مەريەم: كاشكى،مۇشۇ كۈندىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسەمچۇ! ماڭا يامان گۇمان قىلىنغاندىن كۆرە تىلغائېلىنمايدىغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەمچۇ كاشكى! دېدى.
فَنَادَىٰهَا مِن تَحۡتِهَآ أَلَّا تَحۡزَنِي قَدۡ جَعَلَ رَبُّكِ تَحۡتَكِ سَرِيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئىسا مەريەمنىڭ قەدىمى ئاستىدىن نىدا قىلىپ: قايغۇرمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ئېچىشىڭئۈچۈن ئاستىڭدىن بىر ئېرىق پەيدا قىلدى (بۇ ئايەتتىكى چاقىرغۇچىنى كۆپىنچە تەپسىرئۆلىمالىرى جىبرىل ئەلەيھىسسالام دېگەن، چۈنكى ئايەتنىڭ سىياقى شۇنى تەقەززا قىلىدۇ،بەزى ئۆلىمالار ئۇنى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ قارىغان. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللىرىبولسىمۇ لېكىن ئۆلىمالار چاقىرغۇچى جىبرىل ئەلەيھىسسالام دېگەن قاراشنى كۈچلەندۈرگەن. چۈنكى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئانىسى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارغاندا سۆزلىگەنلىكىقۇرئاندا بايان قىلىنغان، ئەمما تۇغۇلۇپلا سۆزلىگەنلىكى توغرىسىدا سەھىھ رىۋايەت يوق. بۇتەپسىرنى تۈزگۈچى ئۆلىمالار چاقىرغۇچى ئىسا ئەلەيھىسسالام دېگەن قاراش بويىچە بايانقىلغان – ت).
وَهُزِّيٓ إِلَيۡكِ بِجِذۡعِ ٱلنَّخۡلَةِ تُسَٰقِطۡ عَلَيۡكِ رُطَبٗا جَنِيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
خورما دەرىخىنى چىڭ تۇتۇپ ئىرغىتقىن، شۇ ھامان ساڭا پىشقان، يېڭى خورمىلار چۈشىدۇ،دېدى.
فَكُلِي وَٱشۡرَبِي وَقَرِّي عَيۡنٗاۖ فَإِمَّا تَرَيِنَّ مِنَ ٱلۡبَشَرِ أَحَدٗا فَقُولِيٓ إِنِّي نَذَرۡتُ لِلرَّحۡمَٰنِ صَوۡمٗا فَلَنۡ أُكَلِّمَٱلۡيَوۡمَ إِنسِيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
يېڭى مېۋىدىن يېگىن، سۇدىن ئېچكىن، تۇغۇلغان بوۋاق بىلەن كۆڭلۈڭ خۇرسەن بولسۇن، غەمقىلمىغىن، ئىنسانلاردىن بىرەر كىشىنى كۆرسەڭ، ئاندىن بۇ بوۋاق توغرۇلۇق سورىسا، ئۇكىشىگە: مەن بۈگۈن ھېچ كىشىگە سۆز قىلماسلىق توغرىسىدا پەرۋەردىگارىمغا ۋەدە بەردىم،بۈگۈن ئىنسانلاردىن ھېچ كىشىگە سۆز قىلمايمەن، دېگىن.
فَأَتَتۡ بِهِۦ قَوۡمَهَا تَحۡمِلُهُۥۖ قَالُواْ يَٰمَرۡيَمُ لَقَدۡ جِئۡتِ شَيۡـٔٗا فَرِيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
مەريەم ئوغلى ئىسانى كۆتۈرۈپ، قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى. قەۋمى ئۇنىڭ بوۋاق كۆتۈرۈپكەلگەنلىكىنى كۆزىگە سىغدۇرالماي ئۇنىڭغا: ئى مەريەم! سەن بەك غەلىتە ئىش قىلدىڭ،دادىسى يوق بىر بالىنى ئېلىپ كەلدىڭ، دېدى.
يَـٰٓأُخۡتَ هَٰرُونَ مَا كَانَ أَبُوكِ ٱمۡرَأَ سَوۡءٖ وَمَا كَانَتۡ أُمُّكِ بَغِيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئى ئىبادەتتە ھارۇنغا ئوخشىغۇچى قىز! (ھارۇن ياخشى ئادەم ئىدى) سېنىڭ داداڭ زىناخورئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ پاھىشە ئايال ئەمەس ئىدى، سەن تەقۋادارلىق بىلەن تونۇلغانپاك ئائىلىنىڭ قىزى ئىدىڭ، دادىسى يوق بالىنى قانداقمۇ ئېلىپ كەلدىڭ؟ دېدى.
فَأَشَارَتۡ إِلَيۡهِۖ قَالُواْ كَيۡفَ نُكَلِّمُ مَن كَانَ فِي ٱلۡمَهۡدِ صَبِيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
مەريەم قۇچاقتىكى ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشارەت قىلدى، قەۋمى ھەيران قىلىپئۇنىڭغا: قۇچاقتىكى بوۋاققا قانداق سۆزلەيمىز، دېدى.
قَالَ إِنِّي عَبۡدُ ٱللَّهِ ءَاتَىٰنِيَ ٱلۡكِتَٰبَ وَجَعَلَنِي نَبِيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئىسا ئەلەيھىسسالام: مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن. ئاللاھ ماڭا ئىنجىلنى بەردى ۋەمېنى پەيغەمبەرلىرىدىن بىر پەيغەمبەر قىلدى.
وَجَعَلَنِي مُبَارَكًا أَيۡنَ مَا كُنتُ وَأَوۡصَٰنِي بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱلزَّكَوٰةِ مَا دُمۡتُ حَيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
قەيەردە بولسام بەندىلەرگە كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان قىلدى، مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەنمېنى نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇدى.
وَبَرَّۢا بِوَٰلِدَتِي وَلَمۡ يَجۡعَلۡنِي جَبَّارٗا شَقِيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
مېنى ئانامغا ياخشىلىق قىلىدىغان قىلدى. مېنى پەرۋەردىگارىمغا ئىتائەت قىلىشتىنتەكەببۇرلۇق قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىدىغان قىلمىدى.
وَٱلسَّلَٰمُ عَلَيَّ يَوۡمَ وُلِدتُّ وَيَوۡمَ أَمُوتُ وَيَوۡمَ أُبۡعَثُ حَيّٗا
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، قىيامەت كۈنى تىرىلگەندە شەيتان ۋە ئۇنىڭشايكىلىرىنىڭ پىتنىسىدىن ئامان بولىمەن. بۇ قورقۇنچلۇق ئۈچ ئورۇندا شەيتان ماڭا زىيانيەتكۈزەلمەيدۇ.
ذَٰلِكَ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَۖ قَوۡلَ ٱلۡحَقِّ ٱلَّذِي فِيهِ يَمۡتَرُونَ
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئاشۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچى مەريەم ئوغلى ئىسادۇر. بۇ ئۇنىڭ توغرىسىدىكى ھەقسۆزدۇر. ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشىپ شەك قىلىدىغان ئازغۇنلارنىڭسۆزى ئەمەستۇر.
مَا كَانَ لِلَّهِ أَن يَتَّخِذَ مِن وَلَدٖۖ سُبۡحَٰنَهُۥٓۚ إِذَا قَضَىٰٓ أَمۡرٗا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
الأيغورية | ئۇيغۇرچە
ئاللاھنىڭ شانۇشەۋكىتىگە ئۇنىڭ بالىسى بولۇش لايىق بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بالىدىن ۋەھەمراھتىن پاكتۇر ۋە مۇقەددەستۇر. بىر ئىشنى قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ «بول» دېيىشى كۇپايە قىلىدۇ، ئۇ ئىش شەرتسىز بولىدۇ. شانۇشەۋكىتى بۇنداق كاتتا بولغان زاتبالىسى بولۇشتىن پاكتۇر.